سېربلار ئامېرىكىنىڭ بېلگرادتىكى باش ئەلچىخانىسىغا ئوت قويدى
2008.02.21
كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا چىدىمىغان سېربلار پەيشەنبە كۈنى پايتەخت بېلگرادتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ بېلگرادتىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى. خەۋەرلەردە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە مۇھاپىزەتسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ جەرياندا سېربلار يەنە ئەنگىلىيە ۋە كرودىيىلەرنىڭ بېلگرادتىكى ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
سېربلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، سېربىيە پارلامېنتى ئالدىدا 150 مىڭ كىشىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرغان. سېربىيە باش مىنىستىرى ۋاجىسلاۋ كوستىنىتسا پارلامېنت ئالدىدىكى نامايىشچىلارغا سۆز قىلىپ، كوسوۋا مەڭگۈ سېربىيىنىڭ بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيىلەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەردۇر. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى شون ماككورماك، بىر تۈركۈم سېربلارنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سېربىيە دائىرىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى زالماي خېلىلزاد بولسا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سېربىيىنى ئەيىبلىشىنى تەلەپ قىلدى. كوسوۋانىڭ سېربىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان بەزى ئېغىزلاردا سېربلار، ش ئا ئو ئە ت نىڭ كوسوۋا چېگرىسىنى قوغداۋاتقان ئەسكەرلىرىگە تاش ئاتقان ۋە كوسوۋا چېگرىسىغا كىرمەكچى بولغان. لېكىن خەۋەرلەردە ھازىر چېگرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تىنچلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كوسوۋا مۇستەقىللىقىغا قارشى چىققان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، باياناتچى ليۇ جيەنچاۋ بۇ ۋەقەنىڭ خىتايدا " چوڭقۇر ئەندىشە " قوزغاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئەكس ئەتمەكتە. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە سېربىيىلىكلەر دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ قالىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى
- سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان دۆلەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈردى
- ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق دۆلەتلەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى
- سېربىيە پرېزىدېنتى كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- سېربىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- نازران شەھىرىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- كوسوۋا باش مىنىستىرى : مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىمىز
- سېربىيە پارلامېنتى كوسوۋا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- رۇسىيە كوسوۋا مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرىنى ئاگاھلاندۇردى
- كوسوۋا ئالبانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى