سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
2006.01.24
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا خىتايغا قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى جەريانىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى.
پادىشاھ ئابدۇللا سەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بېيجىڭدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا يۈرۈپ كەتكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇللا ۋېن جياباۋغا سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينى " ھەقىقى دوست دۆلەت" دەپ قارايدۇ دەپ تەكىتلىگەن ۋە خىتاي - سەئۇدى مۇناسۋىتىنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى سەھەلەردە " تېخىمۇ ياخشى" بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلغان.
پادىشاھ ئابدۇللا دۈشەنبە كۈنى خەلق سارىيىدا ئۇچراشقاندا، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى نېفىت، تەبئىي گاز، كان بايلىقلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ سەئۇدى پادىشاھىغا " ھەر ئىككىلا تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە ئورتاق تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش كېرەك " دەيدۇ.
ۋېن جياباۋ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، قاتار ۋە ئوممان قاتارلىق پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش قەدىمىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ خىتاي - سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بېرى خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كۇڭ چۈەننىڭ سۆزى بويىچە، ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئېنېرگىيە مەسىلىسى بىلەن بىرگە ھەربىي ئالاقە ۋە تېررورلۇق قاتارلىق تېمىلارغا چېتىلغان بولۇشى مۈمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بېيجىڭدا خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
- سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي كېلەر يىلى مۇھىم بىر نېفىت كېلىشىمىنى ئىمزالىماقچى
- رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى
- خىتاي شىركىتىنىڭ ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىش تەكلىپى رەت قىلىندى