شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زەھەرلىك چىكىملىك سودىسىغا زەربە بەرمەكچى


2006.06.12

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلار يېغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئافغانىستاندىن كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قوغدىنىش سىستېمىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى مىنستىرى لى خۇي بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يېغىنىدا، ئاساسەن ئافغانىستاندىن كېلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ھەمدە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. ئافغانىستان تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۈزبېكىستاننىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، 15‏-ئىيۇن كۈنى شاڭخەيدە ئۇچرىشىپ، قۇرۇلغانلىقىغا بەش يىل بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كىلەچەك پىلانلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقىلىرى، بۇندىن بۇرۇنقى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىلاردىكىگە ئوخشاش ، ئاساسەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىىدۇ. ئەمما يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز قاتارلىق مەسىلىلەر بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنى تەشكىللەيدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.