شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى بىشكەكتىكى بىر كۈنلۈك يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى رايونىغا كېلىپ، بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان " تىنچلىق بۇرچى 2007،" ناملىق ھەربىي مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ مانېۋىر ئاساسلىقى خىتاي ۋە رۇسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر بىر قەدەر تەلتۆكۈس ھازىر بولغان مانېۋىرلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى تانكا، برونېۋىك، ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ھەم پىيادە قىسىملار بولۇپ 6 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى كۆردى. مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى مەلۇم بىر دۆلەتتىكى ئاتالمىش قوراللار تېررورچىلار، يەنە بىر دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارا تېررورچى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، يەرلىك خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈشكۈرتۈش ۋەقەسىدە، بىرلەشمە قىسىملارنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەركىتىنى تېما قىلغان.
مانېۋىرغا قاتنىشىۋاتقان تەرەپلەر ھازىرغىچە مانېۋىردا كىمگە ھەيۋە كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرى جۇڭگو چېگرىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا، دېگەن سۆزلىرى بىلەن بىردەكلىكى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى چىليابىنسكىيدىكى مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن قىرغىزىستاندا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)