ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۈگۈن، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت بولىۋاتامدۇ' دېگەن مەسىلە بۇيىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بەش دۆلەت 1991 - يىلىدىلا موسكۋا ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە، خىتاي ، رۇسىيە ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكستانلار 1996 - يىلى 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى' نى قۇردى. كېيىنچە ئۈزبېكستانمۇ قاتناشتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاپنامىسىدا 'تېررورچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىي دىنچىلىققا قارشى تۇرۇش' بەلگىلەنگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق رېكورتى ناچار بولۇپ كەلدى، ئەمەلىيەتتە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر، چېچەن مۇسۇلمانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلمەكتە. رادىئومىزنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتى ئايرىم ئاڭلىتىلىدۇ. (ۋەلى)