15- ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مېھمان سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈنى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
قىرغىزىستان مىللىي ئاگېنتلىقى "قابار"نىڭ تاراتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈنىگە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قارابايېف، قىرغىزىستان پرېزىدېنت ئاپپاراتىنىڭ تاشقى ئىشلار بويىچە مەسئۇلى رىسقۇلوف ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى شۇنىڭدەك قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتلار ئىشتىراك قىلغان.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قارابايېف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈنىنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر نىيەت كۇلۇبى ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
"شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈنى " تەسىس قىلىش ۋە بۇ كۈننى ھەر يىلى 15- ئىيۇندا خاتىرىلەش قارارى 2004- يىلى 17- ئىيۇندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تاشكەنتتە ئېچىلغان يىغىنىدا قارار قىلىنغان ئىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى بۇ يىل ئىيۇلدا بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلمەكچى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىغىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلماقتا. جۈملىدىن بىشكەك دائىرىلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىقىدىن قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)