شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ھەربىي مانېۋىرغا تەييارلىق قىلىنماقتا

13- ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىلىك كەسىپدېشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەندە ، پۇتىن رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بىشكەكتە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 14- ئىيۇل كۈنى پۇتىن "ياۋروپا ئۇزۇن مۇددەتلىك قوراللىق كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چەكلەش كېلىشىمى" دىن چىقىپ كېتىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپا راكېتادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىغا بېرىلگەن جاۋاب ھېسابلىنىدىكەن، بۇ خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى ئىيۇلنىڭ 27-سى رۇسىيىدىكى مانېۋىر رايونىغا يېتىپ كېلىدۇ، خىتاي 1600 نەپەردىن ئارتۇق ئەسكىرىنى مانېۋىرغا قاتناشتۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق 6 دۆلەت ئۆز قوشۇنلىرىنى قاتناشتۇرۇشقا، مانېۋىرنى ئىككىگە بۆلۈپ، يەنى رۇسىيىنىڭ چېلىبىيانسك رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈشۈلگەن. ئۈرۈمچى تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر قىلىش نۇقتىسى قىلىپ تاللانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئىلىدىمۇ مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. رۇسىيە-خىتاي جۈملىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ "تىنچلىق ئەلچىسى 2007" ناملىق مانېۋىرى رۇسىيە -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى مۇرەككەپلەشكەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆزارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ، غەربكە تاقابىل تۇرۇشتا بىر-بىرىدىن پايدىلىنىش تاكتىكىسى قوللانغان.(ئۈمىدۋار)