شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش مىنىستىرلىرى پۈتۈشتى


2007.11.04

خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، بېلورۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى. بېلورۇسىيە ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر.

ۋېن جياباۋ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ بىرىنچى بېكىتى سۈپىتىدە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تاشكەنتتە ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. جۈمە كۈنىدىكى مەزكۇر يىغىنغا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىقىغا رەسمىي ئەزا دۆلەتلەر قاتناشقاندىن سىرت يەنە ۋە موڭغۇلىيە، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان قاتارلىق كۆزەتكۈچى سۈپىتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىندا، شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسى ھەمدە رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن تاشقىرى يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئورتاق باياننامە ئېلان قىلىنغان شۇنىڭدەك يېڭى ھۆججەت " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت، تاموژنا ھەمكارلىقى ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش كېلىشىمى" ئىمزالانغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى يىغىن جەريانىدا بۇ تەشكىلاتنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت يەنە ئاتالمىش تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە ئورتاق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ۋېن جياباۋ 2-نويابىر كۈنى يەنە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن مەخسۇس كۆرۈشكەندىمۇ بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىپ،" ئۆزبېكىستان بىر خىتاي سىياسىتىنى قەتئىي قوللاپ، تەيۋەن ۋە شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ مەيدانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ" دېگەن. ۋېنجياباۋ جاۋابەن ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىدە جۇڭگونى مەيدانىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر تېمىلارنىڭ ۋېن جياباۋ ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى مىرزايېۋ، ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ تەكىتلىگەنلىكى مەلۇم.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى خىتاي رەئىسى خۇن جىنتاۋ تاشكەنتنى زىيارەت قىلغاندا ۋە ئۆزى 2005 - يىلى ئەنجان قىرغىنچلىقىدىن كېيىن بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇيغۇر مۇستەقىلچلىرىنى "شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرى" دېگەن نام ئاستىدا بىرلىكتە باستۇرۇشقا رازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ئەنە شۇ كېلىشىم بويىچە ئۆزبېك دائىرىلىرى كانادالىق ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بىراق كانادا ۋە ئامېرىكا خىتاي ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىزچىل ئەيىبلىمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.