ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
9-ئاينىڭ 26- كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، ئامېرىكا ھېلسىنكى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يېغىندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەھمىيىتى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
يېغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچىسى رىچارد باۋچەر، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، چېگرا بىخەتەرلىكى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ بېكىتكەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئۆزىنىڭ رولى ۋە مەقسەتلىرىنى قانداق ۋە قايسى يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغانلىقىنى ئوچۇق- ئاشكارا بايان قىلىشى كېرەك، دېدى.
يىغىندا سۆز قىلغان، كارنىگى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئالكوت، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەۋاتقان ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قوللىماسلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ، دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى دېيىش ئارقىلىق، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قارشى ھەمدە رايوندا ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت قىلىدىغان بىر تەشكىلات بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)