گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى مەشغۇلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا سىياسىي تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش يولىدا بەلگىلىك غەلىبىلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي پىلانلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
فرانىسيە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتمۈشتە سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە چەت دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ياردەم جەھەتلەردە ئامېرىكىنىڭ كۈچ مەركىزى ھېسابلانغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا، بۈگۈن خىتاينىڭ پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا، كوممۇنىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 40 يىل بۇرۇن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان ئىدى. لېكىن بۈگۈن بۇ تەشكىلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ رامكىسى ئىچىدە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن نۇرغۇنلىغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالىغان.
بولۇپمۇ، 2001- يىلى 11- سىنتەبىردىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت، تىجارەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كىرىش شەرتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايون خەلقىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغان.
ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىجابىي بىر ئوبراز تىكلەش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەشەببۇسلاردا بولغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قاراش داۋاملاشماقتا بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتىشى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا. (ئۆمەر قانات)
