ش ھ ت پاكىستاننى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا


2005.05.26

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىللىق يىغىنى 4 - ئىيۇن كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە ئېچىلىدۇ. بۇنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پاكىسىتاننىڭ كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىش تەلىپىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن باياناتىدا، " بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىبى بويىچە، پاكىستاننى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە تېزرەك قارار ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز" - دېدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001 - يىلى چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا قۇرۇلغاندىن بويان، ئۆزلۈكسىز كېڭىيىشكە ئىنتىلمەكتە. ھازىر خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان ۋە تاجىكىستانلار ئۇنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى موڭغۇلىيە كۈزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن ئۇنىڭغا قاتناشقان ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەت دائىرىسىمۇ بارغانسىرى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە كېڭەيمەكتە.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆز ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستاننى بۇ تەشكىلاتقا كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.