شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېيجىڭدا يىغىن ئاچماقچى


2006.04.24

خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى مۇشۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي رادىكالىزم قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يېغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قاتنىشىدىكەن.

1996‏- يىلى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يىتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە تاموجنا مەسىلىلىرىدە ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەمدە رۇسىيە بولۇپمۇ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىدىمۇ جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. بۈگۈن تېررورچىلىق، دىنىي رادىكالىزم ۋە بۆلگۈنچىلككە قارشى تۇرۇش بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىگە ئايلاندى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە،رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى نوپۇزى كۈنسېرى ئارتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتتىن خالىغىنىچە پايدىلانماقتا.

بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ رايوندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.