ئامېرىكا، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى سىنىقى مەسىلىىسدىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە شىمالىي كورىيىنى مەزكۈر سىناقنى ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكىدا "شىمالىي كورىينىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى 6 تەرەپ سۆھبىتى" ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى كىرىستوفېر ھېلل ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ" ئامېرىكا تەرەپ، شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ" دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 5 - ئۆكتەبىر كۈنى، كىرىستوفېر ھېللنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ": ئامېرىكا، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى قەتئىي خالىمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى، سەيشەنبە كۈنى ئۆزلىرىنىڭ يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۈزەتكەن، ئەمما شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقىنى قانداق چاغدا ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى.
ئاق ساراي يەنە" : ئامېرىكا پيوڭياڭغا ھۇجۇم قىلمايدۇ " دەپ تەكىتلەپ، " ئەگەر، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى پىلانىنى بىكار قىلسا، غايەت زور ئىقتىساد ۋە تاشقى دىپلوماتىيە مەنپەئەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ" دېدى.
