ئامېرىكا، شىمالى كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە زورلىمايدۇ
2005.02.15
ئامېرىكا، شىمالى كورىيىنى ئىقتىسادى ياردەم بېرىش ۋەدىسى بىلەن يادرو قوراللار سۆھبەت ئۆستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى چەتكە قېقىپ، شىمالى كورىيىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بىلەن جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بان كى- مۇن، "سۆھبەتكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان شىمالىي كورىيە، ئىقتىسادى ياردەم بىلەن مۇكاپاتلانماسلىقى كېرەك" دېگەن تونۇشقا كەلگەن.
رىچارد باۋچېر، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، شىمالى كورىيىنىڭ خەلقئارادىكى قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. باۋچېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا شىمالى كورىيىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك، ئەتكەسچىلىك شۇنداقلا قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار تېخنىكىسىنى سېتىش جەھەتتىكى پائالىيىتىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىككلىلان، مۇخبىرلارنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىشىپ، شىمالى كورىيىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋامسىلەر، دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرمىدى. ئامما ئۇ ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار،" دەپ كۆرسەتتى.
جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بان كى- مۇن، دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا شىمالىي كورىيىنى "خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى بولۇش" قا چاقىرغان. شىمالى كورىيە ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆھبەتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جەنۇبىي كورىيە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا، شىمالى كورىيە بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى
- شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
- شىمالىي كورىيىنىڭ 2 - نۇمۇرلۇق رەھبىرى كىم يۇڭنەم خىتاينى زىيارەت قىلدى