خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينى زىيارەت قىلغان شىمالى كورىيە باش مىنىستىرى پاك پۇڭ جۇ بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ شىمالى كورىيىنى يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆھبەت ئۆستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش سۆھبىتى ھېچقانداق ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، سۆھبەتنى قاچان باشلاش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى، دەپ كۆرسەتتى. بىراق ئۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پاك پۇڭ جۇنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى سەيشەنبە كۈنى باشلاندى. ئۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ليۇ جيەنچاۋ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پاك پۇڭ جۇغا "خىتاي تەرەپنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو قوراللار مەسىلىسىگە تۇتقان مەيدانى، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بارغان سۆھبەت ئەھۋالى شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى" بىلدۈردى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، پاك پۇڭ جۇنىڭ "ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش شەرت - شارائىتى پىشىپ يېتىلسە، شىمالىي كورىيە 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى خالايدۇ،" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شىمالى كورىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپى بويىچە پيوڭياڭنى زىيارەت قىلىشنى ئويلاشماقتىكەن. (ئەركىن)