ئامېرىكا ۋە ياپونىيە، شىمالىي كورىيىنى ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2005.05.16
شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 10 ئايدىن بۇيانقى تۈنجى قېتىملىق سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىپ، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈمىد تۇغدۇردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە ئەمەلدارلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ ئىپادىسىگە بىر تەرەپتىن رىغبەتلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىھتىيات قىلماقتا ئىكەن. چۈنكى شىمالىي كورىيە دائىم ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدا ئويۇن ئويناپ، ئۆزىنىڭ سۆھبەتتىكى ئورنىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا تەرەپ، بۇ قېتىم شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، ھەققىي بىر نەتىجىسىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدىلا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە، شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر شىمالىي كورىيە ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارسا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى شىمالىي كورىيە، ھەر قانداق شەكىلدىكى جازانى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارلىغۇچى سۈنئىي ھەمرالاردىن تارتىلغان سۈرئەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى جىجۇۋ شەھىرىدە ئاتوم بومبىسى سىنىقىغا تەييارلىق كۆرىۋاتقاندەك گۇمانلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوندىلىزا رايىس، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە قارشى "ئۈستۈنلۈككە" ئىگە، دەپ كۆرسەتتى
- شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا
- كورىيىنى يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش سۆھبىتى ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىدى
- ۋاڭ جيارۇينىڭ پيوڭياڭدىكى دىپلوماتىك پائالىيىتى " تىمتاس ۋە جىددى" داۋاملىشىۋاتىدۇ