شىمالىي كورىيە يادرو پروگراممىسىنى توختىتىشتا ئامېرىكىغا شەرت قويدى
2005.07.27
چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىكى 6 دۆلەت سۆھبىتى ئىككىنچى كۈنگە قەدەم قويغان مەزگىلدە، شىمالىي كورىيە ئامېرىكىغا شەرت قويۇپ، ئەگەر ئامېرىكا كورىيە يېرىم ئارىلىدىن يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتسە، ئۇ ھالدا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پروگرامما تەرەققىياتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىمالىي كورىيە تەرەپنىڭ بۇ شەرتلىرىنى سۆھبەتتىكى شىمالىي كورىيە ۋەكىلى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كى كيې گۋان ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى ئۆرۈۋېتىش مەقسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تىنچ ھالدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەمما بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ ئاللىبۇرۇنلا شىمالىي كورىيىگە قاراتقان يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يەردە ھازىر ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق يادرو قوراللىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ۋاشىنگتون دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ ئەزەلدىن يادرو پروگراممىسىنى توختىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت قويىۋالىدىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى كرىستوفېر خىل "ئۇلار (شىمالىي كورىيە) ئەزەلدىن باشقىلاردىن بۇرۇن مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ" دەپ بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىن شىمالىي كورىيەگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە "شىمالىي كورىيە مەڭگۈلۈك، پۈتۈنلەي ۋە ئىسپاتلىق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يادرو پروگراممىسىنى توختاتسىلا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر چوقۇم شىمالىي كورىيىنىڭ سۆزى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئاساسەن تېگىشلىك يول تۇتىدۇ" دېدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يادرو قوراللار سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورىيىلىك ۋەكىللەر بېيجىڭدا ئۇچراشتى
- ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىنىڭ پيوڭياڭنى ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى قارشى ئالدى
- رايىس، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىكەن
- ئامېرىكا ۋە ياپونىيە، شىمالىي كورىيىنى ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى