شىمالىي كورىيە ئۈچۈن پۇل ئاقلىغان ئاۋمېندىكى بىر خىتاي بانكىسى تەكشۈرۈلمەكتە
2005.09.16
ئامېرىكا دائىرىلىرى ئاۋمېندىكى دېلتا ئاسىيا مالىيە گۇرۇھىغا قاراشلىق دېلتا ئاسىيا بانكىسىنى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى دېلتا ئاسىيا بانكىسىنى قارا پۇل ئاقلايدىغان خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا، جوڭگو بانكىسى ۋە ئاۋمېن زېڭ خېڭ بانكىسىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش سەتچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بار - يوقلىقىنى تەكشۈرمەكتىكەن.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېلتا ئاسىيا بانكىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىمالىي كورىيە جىنايەتچى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېلتا ئاسىيا بانكىسى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، دېلتا ئاسىيا مالىيە گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ كەي فېننىڭ بۇنىڭغا “ھەيران قالغان” لىقىنى يازدى.
بىر خىتاي بانكىسىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش سەتچىلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 دۆلەت سۆھبىتىگە ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى قايتا باشلاندى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتى 3 ھەپتىدىن كېيىن قايتا ئېلىپ بېرىلىدۇ
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ئۇزارتىلدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشتىكى ئالدىنقى شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى