شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى
2005.09.19
شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە بېيجىڭدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان 6 دۆلەت دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا، شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوقلۇقىغا ۋەدە قىلغان. ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خىلل سۆھبەتتىكى ئىلگىرىلەش توغرىسىدا " ھەممىمىزنى مەنپەئەتدار قىلىدىغان كېلىشىم،" دەپ كۆرسەتتى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 6 دۆلەت بىرلەشمە ئاخباراتىدا، يادرو قوراللار ۋە يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، "خەلقئارا يادرو قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسى" غا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو ئەسلىھەلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنى قوبۇل قىلغان. ئەمما شىمالىي كورىيە يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تەرەپلەر، بۇ مەسىلە توغرىسىدا كېيىنرەك قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشكە قوشۇلغان.
ئامېرىكا، شىمالىي كورىيىگە مۇنتىزىم ياكى يادرو قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش بىلەن بىرگە، كورىيە يېرىم ئارىلىدا يادرو قوراللىرى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيىلەر شىمالىي كورىيىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قالدى
- شىمالىي كورىيە ئۈچۈن پۇل ئاقلىغان ئاۋمېندىكى بىر خىتاي بانكىسى تەكشۈرۈلمەكتە
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى قايتا باشلاندى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتى 3 ھەپتىدىن كېيىن قايتا ئېلىپ بېرىلىدۇ
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى