شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىش ۋەدىسىگە يېڭى شەرت قوشتى
2005.09.20
شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلاپ بىر كۈن ئۆتمەيلا، يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا يېڭى شەرت قويدى.
شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى، سەيشەنبە كۈنى تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو رىئاكتور قازىنىغا ئېرىشەلمىسە، پيوڭياڭنىڭ يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىمالىي كورىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ئەگەر ئامېرىكا يادرو رىئاكتور قازىنى بىلەن تەمىنلىمەي تۇرۇپ شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچۈرۈمىز دېسە، بۇ ئۇنىڭ چۈشى،" دەپ تەكىتلىگەن.
شىمالىي كورىيە بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى بېيجىڭدا يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى توغرىسىدا 6 دۆلەت ئاخباراتىغا قول قويغان ئىدى.
شىمالىي كورىيىنىڭ باياناتىغا ياپونىيە تېز ئىنكاس قايتۇردى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرۇ، " شىمالىي كورىيىنىڭ تەلىپى قوبۇل قىلىنمايدۇ،" دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېككورماك، شىمالىي كورىيىنىڭ تەلىپىنى "6 دۆلەت ئاخباراتىنىڭ روھىغا خىلاپ،" دەپ كۆرسەتتى. مېككورماكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ۋەزىيەتنى دىققەت بىلەن كۈزۈتىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، تەرەپلەرنى ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقتىن ئۈمىد پەيدا بولدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قالدى
- شىمالىي كورىيە ئۈچۈن پۇل ئاقلىغان ئاۋمېندىكى بىر خىتاي بانكىسى تەكشۈرۈلمەكتە
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى قايتا باشلاندى