شىمالىي كورىيە ئامېرىكىدىن ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش ئىمتىياز بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2005.10.23
شىمالىي كورىيە يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېڭى تەلەپلىرىنى قويۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش ئىمتىيازلىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
شىمالىي كورىيىنىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان "ئەمگەك خەۋىرى" بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدا، ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيە بىلەن ئىسرائىلىيىگە ئىككى خىل ئۆلچەم قويغان دەپ ئەيىبلەپ، "ئامېرىكا يادرو تەرەققىيات مەسىلىسىدە، ئىسرائىلىيىگە يان باستى ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشتى. شىمالىي كورىيە بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئىككى خىل ئۆلچەم تۇتۇشىغا يول قويمايدۇ" دەپ يازغان.
ماقالىدا يەنە، ئىسرائىلىيىنىڭ خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىغا خىلاپ ھالدا، يادرو قوراللىرىنى مەخپىي ساقلاۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكىنىڭ، شىمالىي كورىيىگە ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغان.
شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ داۋامى كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا ئېچىلىشقا بېكىتىلگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كىلەر ھەپتە شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلىدۇ
- 8 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىر چىڭداۋدا جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنىڭ مەكتىپىگە كىرىۋالدى
- كىم جۇڭ ئىل، ۋۇيى باشچىلىغىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
- ئامېرىكا پۈتۈن دۆلەتلەرنى ئىران بىلەن يادرو ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى
- ئامېرىكا ھەر قايسى تەرەپلەرنى "بىرلەشمە بايانات" نى ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى