شىمالىي كورىيە يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېڭى تەلەپلىرىنى قويۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش ئىمتىيازلىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
شىمالىي كورىيىنىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان "ئەمگەك خەۋىرى" بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدا، ئامېرىكىنى شىمالىي كورىيە بىلەن ئىسرائىلىيىگە ئىككى خىل ئۆلچەم قويغان دەپ ئەيىبلەپ، "ئامېرىكا يادرو تەرەققىيات مەسىلىسىدە، ئىسرائىلىيىگە يان باستى ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشتى. شىمالىي كورىيە بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئىككى خىل ئۆلچەم تۇتۇشىغا يول قويمايدۇ" دەپ يازغان.
ماقالىدا يەنە، ئىسرائىلىيىنىڭ خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىغا خىلاپ ھالدا، يادرو قوراللىرىنى مەخپىي ساقلاۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكىنىڭ، شىمالىي كورىيىگە ئىسرائىلىيىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغان.
شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ داۋامى كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا ئېچىلىشقا بېكىتىلگەن. (پەرىدە)