ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى


2006.06.20

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر پيوڭياڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارسا ئېغىر ئاقىۋەتكە قېلىشى قېلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ ھەر قاچان قىتئەلەر ئارا ئۇچۇدىغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، " شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلسا ، بۇ ناھايىتى ئېغىر بىر ۋەقە ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەيدۇ.

ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پيوڭياڭنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىن ۋاز كېچىشكە قىستىماقتا. خىتاي بولسا شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھازىرچە ئىسپاتلانمىغان " بىر قىياس" دەپ تەكىتلىگەن. ئەگەر پيوڭياڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارسا ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورىيىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىشى مۇمكىن.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى، بۇ ئەھۋالدا ياپونىيىنىڭ پيوڭياڭغا شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، شىمالىي كورىيە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى رەت قىلىپ، " بۇ ھوقۇقىمىزنى ھېچكىمنىڭ تارتىۋېلىش ھەققى يوق" دەپ جاكارلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.