بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئۇچرىشىپ كۆپ تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى رەھبەر بىرلىكتە مۇخبىرلار يىغىنىدا شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ " بىز ھەر ئىككىمىز شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىمىز، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىدىغان ھەر قانداق پىلانى بولماسلىقى كېرەك" ، "بۇنداق پىلان قوبۇل قىلىنمايدۇ" ، "شىمالىي كورىيىنىڭ رەھبىرى بولغان كىشى پۈتۈن دۇنيادا يېتىم قىلىش ياكى دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بىر دۆلەت قاتارىدا ئاكتىپ قاتنىشىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەك" دېدى.
ياپونىيە باش مىنىسىتىرى كويزۇمى سۆزىدە "پىڭيوڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يېتىپ بارالايدىغان تاپودوڭ -2 بەلگىلىك ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەرخىل بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ئەڭ ياخشىسى ئۇلار دۇچ كېلىدىغان قاتتىق بېسىملارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھازىرچە ئېغىز ئاچماي تۇرايلى" دېدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن ياپونىيە باش مىنىسىتىرى جۇنىشىرو كويزۇمى بۇ قېتىم پىڭيوڭنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشتۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى مەسىلىسىلا ئەمەس، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىدىن كالا گوشى ئىمپورت قىلىش مەسىلىسى ۋە ئىراق، ئافغانىستان مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا "خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەمكارلىشىدۇ" دېيىلگەن. (ۋەلى)