ئامېرىكا ئەلچىسى خىتايغا بېرىپ شىمالى كورىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى كرىستوفېر خىلل جۈمە كۈنى بېيجىڭگە بېرىپ، شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش مەسىلىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ رايون خارەكتىرلىق تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىدى.

ئامېرىكا كالىندارى بۇيىچە 7 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى، خەلقئارا جەمئىيەت شىمالى كورىيىنىڭ ئۇدا 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بىردەك ئەيىپلىغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالى كورىيە توغرىسىدا ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قوللىغان بىر لايىھىنى مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە قارار ماقوللانمىغان ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۆگۈن بېيجىڭدە 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز -را سۆزلىشىشكە باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە شىمالى كورىيىنى جازالاشنى تەشەبۇس قىلىدۇ. ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. خىتاي شىمالى كورىيىنى جازالاشقا قارشى تۇرىدۇ. جەنۇبىي كورىيىمۇ شىمالى كورىيىنى جازلاشقا قوشۇلمايدۇ، ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتە شىمالى كورىيىگە مال يۆتكەشنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شىمالى كورىيە بولسا ئەگەر ياپونىيىنىڭ جازالاش تەدبىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئاۋسترالىيە بولسا شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى "ئىغۋاگەرچىلىك" دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دېپلوماتىيىنى ئازايتىش ئارقىلىق قارشىلىق ئىپادىلىمەكتە. رۇسىيىنىڭ پىكرى بۆگۈن تېخى ئېنىق ئەمەس. (ۋەلى)