خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو ئىشلىرىدىكى ئەلچىسى شىمالىي كورىيىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوفېر خىلل بېيجىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ،" خىتايمۇ كۈچەۋاتىدۇ، بىز ھەممىمىز كۈچەۋاتىمىز. ئەپسۇس پەقەت شىمالىي كورىيەلا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتىدۇ" دېدى.
كرىستوفېر خىلل بۇنىڭ ئالدىدا ،ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر دېپلوماتىك يولنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ يەنە ،ياپونىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شىمالىي كورىيىگە جازا قوللىنىدىغان بىر پارچە قارار لايىھىسىنى سۇنۇش تەكلىپىنى قوللىدى.
بۇ لايىھىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئالدى بىلەن خىتاينىڭ دېپلوماتىك يول ئارقىلىق شىمالىي كورىيىنى گەپكە كىرگۈزۈشىنى كۈتكەچكە، بۇ لايىھىگە بېلەت تاشلاش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ كەلدى. بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان ياپونىيە، "ناۋادا خىتاي دائىرىلىرى ئاران شىمالىي كورىيىنى 6 دۆلەت سۆھبىتىگە قايتىشقىلا كۆندۈرەلىسە، ئۇ ھالدا ياپونىيە بۇ قاراردا چىڭ تۇرىدۇ" دېدى. (پەرىدە)