ئامېرىكا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە تۇتقان رولىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى
2006.07.13
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى كىرىستوفەر خېلل 13 - ئىيۇل كۈنى، خىتاينىڭ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى بويىچە، شىمالىي كورىيە تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ نەتىجىلىك بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر پەيتتە ، خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە تەرەپ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى دەرھال توختاتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، Christopher Hill سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بۇ مەسىلە ئۈستىدە شىمالىي كورىيە تەرەپنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئۈچۈن يەنە بىر قانچە كۈن ۋاقىت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىلەن رۇسىيە تۆنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى بىر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، بىراق ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا سۇس مۇئامىلىدە بولدى.
بۇ ئارىدا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ يەنىلا ، ئىلگىرى ياپونىيە ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قارار لاھىيىسى ئىچىگە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورىيە تەرەپنى جازالاش تەدبىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە يەنىلا ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەربىي يول بىلەن جازالاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماسلىقنى تەشەببۈس قىلدى.
شىمالىي كورىيە 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپونىيە دېڭىزى ئەتراپىغا يېقىن جايدا 7 قېتىم باشقۇرۇلۇدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- ياپونىيە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ
- ئامېرىكا ئەلچىسى خىتايغا بېرىپ شىمالى كورىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىدى
- خەلقئارا جەمئىيەت شىمالى كورىيە كرىزىسىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا
- بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ كورىيە يادرو قوراللىرى تەھدىتى مەسىلىسى ئۈستىدە تېلېفۇن سۆھبىتى ئېلىپ باردى