ياپونىيە پيوڭياڭغا قارشى ئىمبارگو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇشنى چاقىرىق قىلدى
2006.07.14
ياپونىيە شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبىدىن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان پيوڭياڭغا ئىمبارگو قويۇش تەكلىپىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تېزراق ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تارۇ ئاسۇ، بۇ مەسىلىسىنىڭ رۇسىيىدە چاقىرىلىدىغان 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاۋازغا قويۇلۇشنى ئۈمىد قىلغان.
ياپونىيىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. لېكىن جۇڭگو ياپونىيىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلسا، رەت قىلىش ھوقۇقى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، تەلەپپۇزى يۇمشاقراق بىر تەكلىپ لايىھىسى ماقۇللاشنى قوللىماقتا. ياپونىيىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 7 - ماددىسى بۇيىچە ئىمبارگو قويۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 7 -ماددا گېزى كەلگەندە قورال ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياپونىيە ئىچكى كابېنت ۋەزىرى شىنزۇ ئابى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ياپونىيىنىڭ مەيدانىغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە سودا گېزىتى " نىخون كېيزاي،" ياپونىيە شىمالىي كورىيىگە قارشى 7 - ماددىنى ئىشلىتىش تەكلىپىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى. شىنزۇ ئابى، ئىمبارگو توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن جۇڭگو ياپونىيىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى جۈمە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇشقا قارشى تۇرغان. خىتاي تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېھتىياج ئىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە تۇتقان رولىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى
- ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- ياپونىيە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ
- ئامېرىكا ئەلچىسى خىتايغا بېرىپ شىمالى كورىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىدى
- خەلقئارا جەمئىيەت شىمالى كورىيە كرىزىسىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا