ئەگەر شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، ئۇ ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى دەپ ھېسابلىنىدۇ


2006.09.11

ياپونىيىدە چىقىدىغان 'كيوتو خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى، ئالتە تەرەپ سۆھبەت ۋەكىلى كرستوفېر خىلل ئەپەندى 11 ‏- سېنتەبىر كۈنى 'شىمالىي كورىيە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە تىز قايتىپ كېلىشى كېرەك. بۇ جەرياندا ھەر قانداق دۆلەت شىمالىي كورىيىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەتتە بولماسلىقى لازىم' دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورىيىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى كەڭ دائىرىلىك قىرغىنچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە قورال ئىشلەيدىغان ماتېرىياللار بىلەن تەمنىلىشىنى چەكلەيدىغان بىر قارار ماقۇللانغان.

'ب ب س' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى كرستوفېر خىلل ئەپەندى شىمالىي كورىيىگە 'ئەگەر شىماليى كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، ئۇ ئۇرۇش ئىغۋا گەرچىلىكى ھېسابلىنىدۇ ' دەپ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.