بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە چېگرىسىغا جايلاشقان دەندوڭ شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇجەنچاۋ ' شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ھازىر تېخىچە نورمال' دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 9 - ئۆكتەبىر كۈنى دەندوڭ شەھىرىدىن شىمالىي كورىيىگە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل ۋە پويىز توختىتىپ قويۇلغان.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10 - ئۆكتەبىر كۈنى شىمالىي كورىيە تەرەپ بۇيرۇ ق چۈشۈرۈپ يالۇجاڭ دەرياسىنىڭ كۆۋرۈكى ئارقىلىق بولىدىغان قاتناشنى توختاتقان. خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە چېگرىسىدا تۇرىدىغان ئازادلىق ئارمىيە قىسىملىرىدىمۇ سولداتلارغا ئارام ئېلىش ياكى شەخسىي ئىش بىلەن رۇخسەت سوراشنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى دەندوڭ شەھىرىدكى بىر ئورۇنغا تېلېفون قىلىپ قاتناش ئەھۋالىنى سورىغاندا، شۇ جايدىكى كىشىلەر 'ھازىر شىمالىي كورىيە تەرەپكە ئۆتكىلى بولمايدۇ' دەپ جاۋاپ بەرگەن. (ۋەلى)