خىتاي شىمالىي كورىيىنى جازالاش تەدبىرىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتماقتا


2006.10.12

گەرچە خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيگە قاراتقان ئوچۇق سېگنالىغا ئاۋاز قوشۇپ "شىمالي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى خاتا "دېگەن ئىپادىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ يەنىلا، شىمالىي كورىيىگە قارىتا قاتتىق جازالاش قوللىنىش ھەرىكىتىنى قوللاشتا پاسسىپ پوزىتسىيە بىلدۈرمەكتە.

رويېترىس ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ": شىمالىي كورىيىنى جازالاش ئۇسۇلى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا مەنپەئەتلىك رول ئوينىشى كېرەك" دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىسى، پەيشەنبە كۈنى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە بىر پارچە قارار لايىھىسى سۇنۇپ، پيۇڭياڭنىڭ، يادرو قوراللىرى سىنىقى پىلانىدىن دەرھال ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلدى. مەزكۈر قارار لايىھىسىدە، شىمالىي كورىيگە قورال يۆتكەشنى قەتئىي چەكلەش بىلەن بىرگە، ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىش بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا دائىرىلىرى، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە مەزكۈر قارار لايىھىسىگە قول قويۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

پيۇڭياڭ دۈشەنبە كۈنى، يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە پيوڭياڭنى جازالاش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ ئارىدا ، شىمالىي كورىيىنىڭ ياپونىيە ئىشلىرى مەسئۇلى " ئەگەر ياپونىيە يەنە يېڭى جازا قوللانسا، پيۇڭياڭ " تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى " قوللىنىدۇ دەپ بىلدۈردى.

ياپونىيە، شىمالىي كورىيىگە مال كىرگۈزۈشنى توختىتىش، شىمالىي كورىيىلىكلەرنى ياپونغا كىرگۈسمەسلىككە ئوخشاش بىر قاتار ئىقتىسادىي جازالارنى رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.