خىتاي ھۆكۈمىتى، شىمالىي كورىيە چېگرىسىدىكى تاموژنىلاردا تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى
2006.10.16
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن شىمالىي كورىيىگە قارشى يولغا قويۇلغان ئىمبارگوغا ئاساسەن شىمالىي كورىيە چېگرىسىدا تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى تونى سىنو مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە چېگرىسىدىكى تاموژنىلاردىن ئۆتكەن تاۋارلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان ب د ت قارارىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ.
ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى شىمالىي كورىيە ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شىمالىي كورىيىگە قارشى ئىمبارگو يولغا قويغان. گەرچە، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بېرى بولغان خىتاي شىمالىي كورىيىگە قارشى ئىمبارگو قارارىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە چېگرىسىدىكى تاموژنىلاردا تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا جىددىي قارىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى، شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە بۇ دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە قارشى يولغا قويغان ئىمبارگوسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئاساسلىق قىئىسمى خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، دېدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي شىمالىي كورىيىنى جازالاش تەدبىرىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتماقتا
- يالۇجاڭ دەرياسى كۆۋرۈكىدە قاتناش توختىدى
- شىمالىي كورىيە داۋاملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازالاش تەدبىرىگە تاقابىل تۇرماقچى
- شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
- شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو بومبا سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى چۈچۈتتى