ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش دىپلوماتىيىسى ئىزچىل داۋاملاشماقتا


2006.10.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

جەنۇبىي كورىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كوندىلىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى":ئەگەر شىمالىي كورىيە يەنە قايتا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، مەزكۈر دۆلەت تېخىمۇ كۆپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ" دېدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەت كومىسسارى تاڭ جاشۈەن چارشەنبە كۈنى، شىمالىي كورىيىنىڭ پايتەختى پيوڭياڭغا يېتىپ كېلىپ، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيە مۇناسىۋىتى شۇنىڭدەك كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ": خۇ جىنتاۋ چوقۇم ۋەكىلى ئارقىلىق، كىم جوڭئىلغا ئېنىق ۋە قاتتىق پوزىتسىيىسىنى يەتكۈزۈپ، شىمالىي كورىيىنىڭ قايتا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىدۇ" دېدى.

كوندىلىزا رايىسىنىڭ بۇ قېتىم ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى، شىمالىي كورىيگە بېرىلگەن" ئىمبارگو" نىڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ يەنە، جەنۇبىي كورىيىدىن، شىمالىي كورىيىنىڭ پاراخوتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىشنى تەشەببۈس قىلدى، بىراق جەنۇبىي كورىيە بۇنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن توقۇنۇش ھاسىل قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كوندىلىزا رايىس، جەنۇبىي كورىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇ بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۇپ، ئامېرىكا ‏- ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەشكەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.