خوڭكوڭ شىمالى كورىيىنىڭ يۈك پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغان

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالى كورىيىنىڭ 2000 توننىلىق بىر يۈك پاراخوتى 22 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى شاڭخەيدىن خوڭكوڭغا كەلگەن. بۇ پاراخوت خوڭكوڭدىن كېرەكسىز تۆمۈرلەرنى بېسىپ تەيۋەنگە مېڭىش ئالدىدا تۇرغاندا، خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۇ پاراخوتنىڭ يۈنىلىش بەلگىلەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇش سېستىمىسى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە توشمايدۇ، دەپ قارىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىخە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منىسىترلىكىنىڭ باياناتچىسى مىكمارك ئەپەندى شىمالى كورىيىنىڭ 'يۈك پاراخوتنى تۇتۇپ قېلىشقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئامېرىكا تەمىنلىدى' دېگەن ئەيىپلىشىنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىىسىتىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇجەنچاۋ بولسا 'بېيجىڭ ب د ت نىڭ شىمالى كورىيىنى جازالاش قارارىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ' دېگەن. (ۋەلى)