'نيۇيورك تايمىس گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكىسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، 2001 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە 18 دۆلەتكە 40 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتقان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مىسىر، ئىران، پاكىستان، لىۋىيە، سۈرىيە، ئەرەپ خەلپىلىكى، يەمەن، ئانگولا، بېرما، ئىفوپىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شىمالىي كورىيىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇلتۇر رۇسىيىنىڭ قورال ئىكىسپورت مىقدارى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى بولغان. فرانسىيە دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن، ئامېرىكا ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئەمدى شىمالىي كورىيە بۇ جەھەتتە تىز يېتىشمەكتە. (ۋەلى)