بېيجىڭدا، ئامېرىكا، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيە 6 تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەتتە بولدى

ئامېرىكا، خىتاي ۋە شىمالى كورىيە ۋەكىللىرى يېقىندا بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىنى توختىتىش ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. لېكىن بۇ 3 دۆلەت دىپلوماتلىرى مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتى دېپلوماتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگىدەك كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرلارنى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان.

ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتى ۋەكىللىرىمۇ مۇشۇ ھەپتە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن ئۇلارمۇ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشنى خالىمىغان. روسىيە تەرەپ بولسا، بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەزكۇر سۆھبەتكە ۋەكىل ئەۋەتمىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۇ قېتىمقى بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىش ئارقىلىق، 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ چاپسانراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن شىمالىي كورىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بۇ ھەقتە ھېچقانداق پىكىر بايان قىلمىغان.

شىمالىي كورىيە ئامېرىكا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازادىن قاتتىق نارازى بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ مالىيە چەكلىمىسى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماقۇل بولغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە قايتا سۆھبەتتە بولۇشقا ماقۇل بولغان. (مېھرىبان)