خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىنى توختىتىش ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قايتا باشلانماقچى.
ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" دە بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن ھەمدە روجىستىۋا بايرىمىدىن كېيىن قايتا داۋاملىشىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى يەنى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيە ۋەكىللىرى 6 تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە بېيجىڭدا مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. لېكىن ئۇ چاغدا، بۇ 3 دۆلەت دىپلوماتلىرى مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. (مېھرىبان)