شىمالىي كورىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىغا ياردەملەشمەكتە


2007.01.24

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24 ‏- يانۋار كۈنى لوندوندىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ئىرانغا خۇددى ئۆزى ئۆتكەن يىلى 10 ‏- ئايدا ئېلىپ بارغان يەر ئاستى يادرو سىنىقىغا ئوخشاش يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرمەكتە. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىراننىڭ ئاتوم مۇتەخەسسىسلىرىنى شىمالىي كورىيىگە تەكلىپ قىلىپ سىناق مەيدانىنى كۆرسەتكەن.

ئىران ب د ت نىڭ ئاتوم ئېنىرگىيىسنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى 2006 ‏- يىلى 23 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئىراننى جازالاش توغرىسىدا 1737 ‏- نۇمۇرلۇق قارار ماقۇللىغان ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.