فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 3 -ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 27 -سېنتەبىردىن 30 -سېنتەبىرگە قەدەر داۋام قىلغان ئالتىنچى باسقۇچلۇق ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە، شىمالىي كورىيە ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىگە قەدەر بارلىق يادرو پروگراممىلارنى ئاشكارىلاش ۋە يۇڭبيون يادرو بازىسىنى تاقاشقا قېتىلغان.
كېلىشىم بۇيىچە، تاقاش ئامېرىكىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئامېرىكا ئالدىمىزدىكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە مەزكۇر بازىغا مەخسۇس ھەيئەت ئەۋەتىدۇ.
شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئالتە تەرەپ سۆھبىتى 2003 - يىلى ئاۋغۇستتا باشلانغان، 6 باسقۇچ بۇيىچە داۋام قىلغان سۆھبەت نەتىجىسىدە، تەرەپلەر، شىمالى كورىيىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش شەرتى ئاستىدا، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى پروگراممىسىدىن ۋاز كېچىشكە قېتىلغان.
بۇ كېلىشىم ، ئالتە تەرەپنىڭ بۇ يىل 8 - ئاۋغۇستتىن 13 - ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بېرىلغان 5 -باسقۇچلۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ باسقۇچتا، ئالتە تەرەپنىڭ بەش ئەزاسى ، شىمالىي كورىيىنى 900 مىڭ توننا نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە كېلىشكەن.
شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىدىكى بۇ ئىلگىرىلىشىنى ئالقىشلىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بۇندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىمالىي كورىيىنىڭ مۇھىم تەلەپلىرىدىن بىرى، ئامېرىكىنىڭ تېررور قوللىغۇچىلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىلىش.
ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى بۇ ئىلگىرىلەش، كۈزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن، كورىيە ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ قاراشماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)
