شىمالىي كورىيە داۋاملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازالاش تەدبىرىگە تاقابىل تۇرماقچى


2006.10.11

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ 10 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى سىئول شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 9 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق رايون خاراكتېرلىق جىددىيلىك پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خوشنا دۆلەتلەرنىڭ پىنيوڭ ھۆكۈمىتىنى جازالاش توغرىسىدا قويغان تەكلىپلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 11 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى شىمالىيي كورىيىگە ھەربى ھۇجۇم قىلماي قاتتىق ئىقتىسادىي جازا قوللۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، شىمالىي كورىيە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان جازالاش تەدبىرىنى 'ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق' دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

'كيوتو خەۋەرلىرى'دە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى11 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، بۇنىڭغا ئاساسەن شىمالىي كورىيىدىن مال ئىمپورت قىلىشنى تامامەن توختۇتۇش، شىمالىي كورىيىلىكلەرنى ياپونىيىگە كىرگۈزمەسلىك، شىمالىي كورىيە پاراخوتلىرىنىڭ ياپون پىرىستانلىرىدا توختىتىلىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللۇنۇشقا باشلىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.