شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىكەن


2005.06.17

شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 تەرەپ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جۇڭئىل بۇ سۆزنى جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورىيە بىرلىككە كېلىش مىنىستىرى چوڭ دوڭ يوڭ بىلەن پيوڭياڭدا ئۇچراشقاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، چوڭ دوڭ يۇڭ، كىم جۇڭئىلنىڭ " ئەگەر ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى سۆھبەت شېرىكىمىز دەپ تونىسا، شىمالىي كورىيە 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن" دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

چوڭ دوڭ يوڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كىم جۇڭئىل" ئەگەر ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولسا، يادرو قورالى ياساشنى توختاتماسلىقنىڭ سەۋەبى قالمايدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، يادرو قوراللار مەئاسىلىدىكى تىركىشىش ھەل بولسا شىمالىي كورىيىنىڭ "خەلقئارا يادرو قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسى" غا قاتنىشىپ، ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چوڭ دوڭ يۇڭ، ئىككى كورىيە باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ئىككى كورىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇچرۇشۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا، شىمالىي كورىيە سۆھبەت ئۈستىلىگە تېز ئارىدا قايتىپ كەلمىسە، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.