ئامېرىكا بىلەن خىتاي شىمالى كورىيىنى يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرىگە ئىگىلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە باش سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خىلل، جۈمە كۈنى سېيولدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرگە شىمالى كورىيە 6 دۆلەت سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشى شەرت ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كرىستوفىر خىلل پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن " شىمالى كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى" ئاشكارىلىدى. خىلل، لى جاۋشىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلىدىغان 6 تەرەپ سۆھبىتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىمالى كورىيىنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا كۆندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شىمالى كورىيە ئۆتكەن ھەپتە 6 تەرەپ سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا شىمالى كورىيىگە قاراتقان "دۈشمەنلىك سىياسىتى" دىن ۋاز كەچمىگىچە سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پرېزىدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش توغرا ئىستراتېگىيە، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كومپارتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ جيارۇينى شىمالىي كورىيىگە ئەۋەتىدىكەن. (ئەركىن)