پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
2005.08.11
پاكىستان پەيشەنبە كۈنى، تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى غەلبىلىك سىناق قىلىپ، دۇنيادا مەزكۇر قورالنى ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەتلەر قوشۇنىغا قېتىلدى.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، يادرو ئوق ئۇچى توشىيالايدىغان ۋە بابۇر- 7 دەپ ئاتالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ غەلبىلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنى پاكىستاننىڭ مۇداپىئە پروگراممىسىدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھىندىستاننى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمىگەن. ۋەھالەنكى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستان بىلەن پاكىستان تەسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى بىر- بىرىگە ئالدىن خەۋەر بېرىش ھەققىدە بىر كېلىشىم ئىمزالىغان.
پاكىستان ئاخبارات مىنىستىرى شەيخ راشىد، پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، پاكىستان پەن ئالىملىرىنىڭ، پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپ ھەمدە پاكىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان بىر سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ، دىدى.
پەيشەنبە كۈنى، پەرۋىز مۇشەررەپ ئۆزىنىڭ -62 تۇغۇلغان كۈنىنى، پاكىستان خەلقى بولسا، پاكىستان دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىندىستان ۋە پاكىستان كەشمىردە ئوق چىقارماسلىق كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشتى
- پاكىستان ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا كېلىشتى
- مۇشەررەف ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى
- ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىردىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇس لىنىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
- پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى