گېرمانىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن نورمالىشىشقا باشلىدى


2008.01.23

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېلنىڭ، ئۆتكەن يىلى باش مىنىستىرلىق سارىيىدا، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن جىددىيلەشكەن گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ 22‏- يانۋار كۈنى بىرلىندە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتاينمايەر بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، قايتىدىن نورماللىشىشقا باشلىغان.

تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات مەلۇمات بېرىدۇ.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، جىددىيلەشكەن گېرمانىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن نورمالىشىشقا باشلىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالتەر شتاينمايەر سەيشەنبە كۈنى بىرلىندە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، تۆت ئايدىن بېرى ناچار ۋەزىيەتتە تۇرغان گېرمانىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن نورماللاشقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىملىرى، گېرمانىيىنىڭ بىر نەچچە مىنىستىرىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە مۇھىتنى قوغداش مىنىستىرى،زېگمار گابرىيەلنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتايينمايەرنىڭ، بۇ يىل ئاخىرلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ، دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى، گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئاساسەن توڭلىتىپ، گېرمانىيىنىڭ بىر نەچچە مىنستىرلىقىنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى شۇنىڭدەك ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا ئېچىلماقچى بولغان گېرمانىيە- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنى بىكار قىلغان ئىدى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ گېرمانىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن نورماللىشىشى ئۈچۈن، ھەتتا گېرمانىيە باش مىنستىرىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرغان.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قاراتقان تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، كىم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىغا ئۆزى قارار بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ 22‏- يانۋار كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگۇ سىياسىتىگە سادىق ئىكەنلىكى، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئارزۇسىنى شۇنىڭدەك تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. جاڭ يۈ مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن خىتاي تەرەپ، گېرمانىيىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق پرىنسىپلارغا رىئايە قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى ئارزو قىلىدۇ» دېگەن.

ئەمما گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل، گېرمانىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گېرمانىيە رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلىغان. ئۇ باياناتىدا، گېرمانىيە ۋە خىتاينىڭ ئىككى دوست دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «دوستلار ئوز-ئارا مەۋجۇت ئىختىلاپلارغا سەۋرىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» دېگەن.

شۇنىڭدەك، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتاينمايەر، ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان گېرمانىيە مۇھىتنى قوغداش مىنىستىرىنىڭ تىبەتتىكى ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا تىبەتنىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە قارىتا بۇنداق قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇشىنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىغا قارشى قاتتىق پوزىتىسيە تۇتۇش ئارقىلىق ياۋروپادىكى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. بىر قىسىم سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە، خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىدە قىزىل رەقەم مەۋجۇت بولمىغان بىر نەچچە دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا گېرمانىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرى بوزۇلسا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چوڭ بىر زىيانغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن گېرمانىيە باش مىنستىرىغا قارشى ناھايىتى قاتتىىق پوزىتسىيە تۇتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.