ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيلىك دىئالوگى باشلاندى
2008.01.16
ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيلىك دىئالوگى باشلاندى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى جوھن نېگروپونت 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خىتايغا يېتىپ باردى. ئۇ پىلان بۇيىچە ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو بىلەن گۇيياڭ شەھىرىدە سۆزلىشىدۇ. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىىدىكى مەسىلىلەر، ئىرانغا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نېگروپونت بۇ قېتىم خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەيدىز ئاپىتىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىسى خۇ جيانى تۈرمىدىن بوشىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇنجى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيلىك دىئالوگى 2005 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ مەزمۇنى كىشىلىك ھوقۇق، سودا، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەىسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىشتىن ئىبارەت بولغان ئىدى. نېگروپونت بۇ قېتىم بېيجىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنلا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قولغا ئېلىش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە تۈرمىگە ئالغان ئادۋوكاتلارنى، مۇخبىرلارنى ۋە باشقا سىياسىي جىنايەتچىلەرنى پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ 2008 - يىلىنى «خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا كىشىلىك ھوقۇق رېكورتىنى ياخشىلايدىغان ياخشى پۇرسەت» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتى ئاخىرلاشتى
- " خىتاي ئامېرىكىدىن دالاي لاما سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ "
- دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پرېزىدېنت نامزاتى دەپ قارالغان، خېلەرى كلىنتون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھازىردىنلا بۇزۇلۇشقا باشلىدى
- خىتاي - ئامېرىكا كېلەر ئاي دورا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزەشنى قارار قىلدى
- خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى