ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ھازىر پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئىچىدە ئايال ۋە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بولغانلىقى ئامېرىكا تارىخىدىكى بىر يېڭىلىق بولغاچقا، بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى بۇرۇنقى يىللاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نېسبىتىمۇ 2004 ‏- يىلىدىكى سايلامغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ بولدى. بۇ قېتىمقى سايلامدىكى يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىك شۇكى، ئوخشىمىغان پارتىيىدىن كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى تاشقى سىياسىتى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەپسىلىي تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆز-ئارا جىددىي مۇنازىرە قىلىشتى. بۇ مۇنازىرىدە ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى مەسىلىسى پرېزىدېنت نامزاتلىرى جىددىي مۇنازىرە قىلىۋاتقان مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ۋەلى ئاڭلىتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى

ئامېرىكىدا ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرى نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمى ھازىر پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا.1 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئايوۋا شىتاتىدا تۇنجى داغدۇغا باشلانغاندىن كېيىن، 24 شتات سايلام قاينىمىغا كىردى. بۇ سايلام داغدۇغىسى 2 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى كالىفورنىيا شتاتىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

ئىككى پارتىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پرېزىدېنت نامزاتى تېخى مەيدانغا كەلمىدى

نامزاتلارنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دېموكراتلار پارتىيىسى كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ سايلام داغدۇغىسى ناھايىتى چوڭ، ئەمما نامزاتلارنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نېسبىتىدە تېخىچە چوڭ پەرق شەكىللەنمىدى، شۇڭلاشقا بۇ پارتىيىدىن تېخىچە ئاخىرقى پرېزىدېنت نامزاتى مەيدانغا كەلمىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كۆرسەتكەن نامزاتلارنىڭ سايلام داغدۇغىسى دەسلەپتە كىچىك باشلىنىپ بارغانسېرى چوڭايدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نېسبىتىدە چوڭ پەرق شەكىللىنىپ، ئۇنىڭدا ئاخىرقى پرېزىدېنت نامزاتى مەيدانغا چىقىشقا يېقىنلاشتى.

پرېزىدېنتلىققا ئاياللاردىن ۋە ئاز سانلىق مىللەتتىن نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئامېرىكا تارىخىدىكى بىر يېڭىلىق

ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىدا كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئىچىدە، ھېلارى كىلىنتون خانىمدىن ئىبارەت ئايال نامزات ۋە بارەك ئوباما دىن ئىبارەت ئامېرىكىدا نوپۇس سانى ئاز بولغان قاراتەنلىك نامزاتنىڭ بولغانلىقى ئامېرىكا تارىخىدىكى بىر يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى بۇرۇنقى يىللاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نېسبىتىمۇ 2004 ‏- يىلىدىكى سايلامغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ بولدى.

خەلق كىمنىڭ سىاسەت -تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق دەپ قارىسا شۇ نامزاتقا ئاۋاز بەرمەكتە

بۇ قېتىمقى سايلامدا، ئوخشىمىغان پارتىيىدىن كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى تاشقى سىياسىتى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ۋە مائارىپ سىياسىتى جەھەتلەردە دۆلەت پۇقرالىرىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ تەپسىلىي تەشەببۇسىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مەسىلىلەر بۇيىچە ئۆز-ئارا جىددىي مۇنازىرىلەشتى. خەلق كىمنىڭ سىاسەت -تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق دەپ قارىسا شۇ نامزاتقا ئاۋاز بەرمەكتە.

نامزاتلار خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈش سىياستىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم پرېزىدېنتلىققا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار جىددىي مۇنازىرە قىلىۋاتقان مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرى ‏ ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى مەسىلىسى بولدى.نامزاتلارنىڭ ئىچىدە مەيلى ئۇ قايسى پارتىيىدىن بولسۇن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خىتاينىڭ 'باش كۆتۈرۈش' سىياسىتىدىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمىگەن بىرمۇ نامزات يوق.

جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتى جوھن مككەين خىتايدىن ئەندىشە قىلمايدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت نامزاتى جوھن مككەين ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىىسنىڭ گېنېراللىرىدىن بولغان، ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنىپ، ۋېيتنام تۈرمىسىدە قاتتىق قېيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئىگە بولغان كىشى بولۇپ، ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۇنى ئەڭ تەجرىبىلىك دېپلومات، دەپ قارايدۇ. ئۇ رېقابەت باياناتىدا، ئەگەر پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆپ جەھەتتىن قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر تەيۋەن تەھدىتكە ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

‏-‏ خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىمز، ‏-‏ دەيدۇ مككەين ئەپەندى كۆپچىلىك ھازىر ئېھتىيات قىلىۋاتقان خىتاينىڭ 'باش كۆتۈرۈش' سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، ‏-‏ ئەمما ، خىتاينىڭ دۇنيا ئېقىمىغا قانداق ئوبراز بىلەن كىرىدىغانلىقى بۇ بىر مەسىلە. تىنچ يول بىلەن كىرسە ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق، ئەمما خىتاي بەزىدە، خۇددى ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭكى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان سۈنئى ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرىدىغان تولىمۇ ئاخمىقانە ئىش قىلىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ تەيۋەنگە قوللانغان ۋاستىلىرىمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەس، ئامېرىكا دۇنيادا ئىجاد قىلىش كۈچى ۋە رېقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپورت ۋە ئىكىسپورت دۆلىتى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلكىنى قوغدىيالايدۇ، بۇنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

‏- مەن 'گۇگۇل شىركىتى'نى زىيارەت قىلغاندا، ‏- دەيدۇ مككەين، ‏-‏ بۇ شىركەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق زىيالىيلار ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئامېرىكىنىڭ پەن-ئىلىمدە ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرىدىغانلىقىغا 100%ئىشىنىمەن، خىتايدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنداق كۆز قاراش ئامېرىكىدىدىكى ئاساسىي ئېقىم ۋە كونسېرۋاتىپلارنىڭ كۆز قارىشى. يەنە بىر جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتى مكرومنېينىڭ رېقابەت كۈچىمۇ يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ.

دېموكراتچى پرېزىدېنت نامزاتى ھېلارى كىلىنتون خانىم ۋە بارەك ئوبامالارنىڭ رېقابەت كۈچى ناھايىتى يوقىرى

بۇ قېتىمقى سايلامدا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ھېلارى كىلىنتون خانىمنىڭ رېقابەت كۈچى ناھايىتى يوقىرى. ئۇ ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپ كۆز قاراشلاردىن ئەندىشە قىلىدۇ. بەلكى خىتاينىڭ 'باش كۆتۈرۈش' سىياسىتىنى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت، ئەگەر خىتاينىڭ مەبلىغىگە تايانسا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ.

سايلامدا ئاۋازغا ئېرىشىش نېسبىتى كلىنتون خانىمغا يېتىشىپ قېلىۋاتقان يەنە بىر دېموكراتچى پرېزىدېنت نامزاتى بارەك ئوباما ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە سىياسىي جەھەتتە باش كۆتۈرۈشى ئاسىيا ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات ۋە پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ئۈچۈن ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت بولىدۇ، قارايدۇ.

خىتايدىن كېلىپ يەرلەشكەن پۇقرالارنىڭ سايلامدىكى رولى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا قارا تەنلىك پۇقرالار ۋە سپانچە سۆزلەيدىغان پۇقرالاردىن قالسا، خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ كۈندىن -كۈنگە نوپۇسى كۆپىيىۋاتقان جامائەت. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىنى قوللايتتى. ئامېرىكىدا يېىنقى يىللاردا 'تۆلىگەن باجقا قاراپ پېنسىيە پۇلى بېرىش' سىياسىتى (ئامېرىكىغا يەرلەشكەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈپ كەلگەن ئاتا-ئانىلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش سىياسىتى) قوللىنىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپرەك كىرىمگە ئېرىشىۋاتقان كەسپ ئېگىلىرى جۇمھۇرىيەتچىلەرپارتىيىسى كۆرسەتكەن پرېزىدېنت نامزاتلىرىنى قوللاشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا، پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىش ھەر بىر خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان ئىش بولغاچقا، سايلام داغدۇغىسى خەلقنى بارغانسېرى ھاياجانغا سالماقتا. قايسى پارتىيە كۆرسەتكەن نامزاتنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. (ۋەلى)