سېربىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2008.02.03
يەكشەنبە كۈنى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى سايلام ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، بۇنىڭدا سېربىيە مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمىدىكى پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت نامزاتى بىلەن غەربپەرەس پارتىيە نامزاتى ئارىسىدا رىقابەت بولىدۇ. رۇسىيە بىلەن يېقىن ئۆتۈپ، غەربكە تاقابىل تۇرۇش پىكرىنى تەشەببۇس قىلىدىغان رادىكال پارتىيە رەھبىرى تومىسلاۋ نىكولىچ. غەربپەرەس سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت بورىس تادىچقا رىقابەت پەيدا قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا نىكولىچ غەلىبە قىلغان ئىدى. ئەگەر ئۇ بۈگۈنكى ھەل قىلغۇچ سايلامدا غەلىبە قىلسا، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ، ھاكىمىيەت تاپشۇرۇۋالىدۇ ھەمدە غەربكە بولغان يۇمشاق پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، ھەر ئىككىلىسىنىڭ سايلامدا تەڭلىشىپ قېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
سېربىيىنىڭ بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى، سېربىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەر ئىككىلا نامزات كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ غەرب دېموكراتىيىسى ھەمدە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىدىكى قارىشى پەرقلىقتۇر. ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بورىس تادىچ بولسا، سېربىيىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيىدىن بولغان پرېزىدېنت نامزاتى سېربىيىنى رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق قىلىش تەرەپدارى ھەمدە كوسوۋاغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرماقتا. نۆۋەتتە، كوسوۋا ب د ت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنماقتا. كوسوۋا يېقىندا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭغا رۇسىيە بىلەن سېربىيىلىكلەر قاتتىق قارشى تۇرغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتايدىن تۈرمە ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- كوسوۋا باش مىنىستىرى : مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىمىز
- 10 يىل بۇرۇنقى "تېررورىست" بۈگۈن باش مىنىستىر
- خىتاي زىيالىيلىرى ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ خۇ جيانى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى تور بېتىگە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى چاپلاشنى چەكلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى، مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يەنىلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە
- سېربىيە پارلامېنتى كوسوۋا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىدارە، جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى ئالغاندا دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى تاللاش تەلەپ قىلىنغان
- ئامېرىكا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلسىدە رىفراندوم ئۆتكۈزۈش پىلانىنى تەنقىد قىلدى