سۈرىيە ۋە لىۋان، رافىق ھەررىنى سۈيقەست قىلىشتا قولى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى

رۇسىيە ۋە لىۋان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى رافىق ھەرىرىنىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش دىلوسىغا قولى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.

بۇنىڭ ئالدىدا، ب د ت ھەرىرى دىلوسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى رافىق ھەررىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا يەنە، سۈرىيە ھەربىي ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ مەسئولى ۋە سۈرىيىنىڭ پرېزىدېنتى ئەل ئەسەد ئايالىنىڭ تاغىسىنىڭ ئۇ قېتىمقى سۈيقەستكە چېتىشلىقى بارلىقى كۆرسىتىلگەن. رەفىق ھەرىرى، بۇ يىل 14 - فېۋرالدا لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن. ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۈيىقەست بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى پىلانلانغان.

سۈرىيە ئاخبارات مىنىستىرى جۈمە كۈنى ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ بۇ دوكلاتىنى سىياسىي خائىشقا ئىگە، ھەقىقەت ئەمەس دەپ كۆرسەتتى. ب د ت نىڭ دوكلاتىدا شۇنداقلا لىۋاننىڭ سۈرىيەپەرەس پرېزىدېنتى لاخودنىڭ سۈيقەست بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چۈنكى ئۇلار سۈيىقەست يۈز بېرىشتىن سەل ئىلگىرىلا، لىۋان پرېزىدېنتى لاخودنىڭ سۈيقەستكە مۇناسىۋەتلىك بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ تېلېفونىنى ئالغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما پرېزىدېنت لاخودنىڭ باياناتچىسى بۇنى ئىنكار قىلىپ، لاخودنىڭ ئۇ كىشى بىلەن ئەزەلدىن ئالاقىلىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)