ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى جازالاش ھەققىدە قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2005.02.10

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى چارشەنبە كۈنى بىر تەكلىپ قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ باشلىغۇچىسى، ۋېرمانت شتاتىدىن سايلانغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بېرنارد ساندىس ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2000 - يىلى خىتايغا بەرگەن مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئىمتىيازىنى قايتۇرىۋېلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە: "ھەر قانداق كىشى ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە ئەمىلىيەتكە ھۆرمەت قىلغان ھالدا قاراپ چىقسا، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاقمايدىغان بىر سىياسەت بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىدۇ. ھازىر بۇنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا تاللاش يوق" - دېگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا سىياسىتىنىڭ ، ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلۇغ ئىرا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھىسى نۆۋەتتە 56 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما كۈزەتكۈچىلەر، بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارارىدىن ئۆتۈش ئېھتىماللىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.