خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى پەيشەنبە كۈنى فرانسىيىدىن چوڭ تىپتىكى " ئېرباس" بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىۋېلىش توختىمىنى ئىمزالىدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ "ئېرباس" بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئۈچ مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. بۇ توختاملار دەل فرانسىيە باش مىنىستىرى رەفارىن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە تۈزۈلگەن.
رەفارىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي دائىرىلىرى يەنە فرانسىيە شىركەتلىرىدىن يۇقىرى تېخنىكىلىق پويىز ۋە باشقا تۆمۈر يول ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ سودىلار خىتاي-فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. سىياسىي جەھەتتىن، فرانسىيە باش مىنىستىرى راففارىن، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە ھېچقانداق سەۋەبنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، فرانسىيىنىڭ داۋاملىق تۈردە قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى قوللىغان. (ئارزۇ)